首页 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى

举报
开通vip

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى لىكىسىيە ماتېرىيالى ئاتۇش شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئۈستۈنئاتۇش يېزىلىق ئەدلىيە ئورنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى –200...

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى لىكىسىيە ماتېرىيالى ئاتۇش شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئۈستۈنئاتۇش يېزىلىق ئەدلىيە ئورنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى –2009يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى ›› قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاسراش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى ›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلغان بولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە نىسبەتەن ‹‹ قالقان ›› لىق رول ئوينايدۇ. نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بۇ نىزامنىڭ 6 – ماددىسىدا ‹‹ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ›› دەپ كۆرسىتىلدى ھەم ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىپ بېرىلدى: . 1 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن – نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛ . 2شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى چىقىرىش؛ . 3 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلىشقا دائىر ئەرز – شىكايەتنى قوبۇل قىلىش ھەم ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش. نىزامدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى خىراجىتىگە كېپىللىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نىزامنىڭ 7 – ماددىسىدا ‹‹ ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك ›› ، دەپ كۆرسىتىلدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاتا – ئانىسى ئۇرۇپ – تىللىسا، كەمسىتسە، خورلىسا، تاشلىۋەتسە مەمۇرىي جازاغا تارتىلىدۇ. نىزامدا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلدى: . 1 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پەزىلەتلىك تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش؛ . 2 ئوقۇش يېشىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى ۋە تاماملىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇلارنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالماسلىق؛ . 3قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى قىلالىغۇدەك ئائىلە ئەمگىكى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئەمگىكى قىلىشىغا ھەم باشقا پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش؛ . 4 مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ۋە ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ . 5 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شۇنىڭدەك ئىشقۋازلىق، زوراۋانلىق، خۇراپاتلىق، بىدئەتچىلىك قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى كىتاب – ژۇرنال، كىنو – تېلېۋىزىيە، ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇمى ۋە تور ئۇچۇرىنى كۆرمەسلىك، ئوقۇماسلىق، ئاڭلىماسلىق، تارقاتماسلىققا ئۈندەش، يېتەكلەش؛ . 6 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، مەكتەپتىن قېچىش، ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، تورغا مەستانە بولۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىش، شۇنىڭدەك مۇشتلىشىش، سوقۇشۇش، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش، زەھەر ئېلىپ سېتىش، ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش، تىغلىق سايمانلارنى ۋە باشقا خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش؛ . 7 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇرماسلىق، تىللىماسلىق، كەمسىتمەسلىك، خورلىماسلىق، تاشلىۋەتمەسلىك، ئۇلارنىڭ شەخسىي ھوقۇقىغا زىيان سالماسلىق؛ . 8 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتمەسلىك، ئازدۇرماسلىق، زورلىماسلىق، مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك ياكى قانات ئاستىغا ئالماسلىق؛ .9 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ياكى ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا زورلىماسلىق؛ . 10 قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلارنىڭ بالا ئىشچى بولۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ياكى مەجبۇرلىماسلىق. نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا مەكتەپنىڭ قوغدىشىغا نىسبەتەن ‹‹ مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى ھەم ئۇنى قوغدىشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئوقۇش يېشىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى رەت قىلىشقا، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرس توختىتىش، مەكتەپ ئالمىشىش، مەكتەپتىن چېكىنىشكە بۇيرۇشقا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن قوغلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ ››، دەپ كۆرسىتىلدى. نىزامدا جەمئىيەتنىڭ قوغدىشىغا نىسبەتەن ‹‹ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان جامائەت سورۇنى ۋە ئەسلىھەلەر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ئۇلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىلىشى، ماس كېلىدىغان يېشى ياكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك ›› ، دەپ كۆرسىتىلدى. 27 – ماددىسىدا ‹‹ ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بالا ئىشچى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدا ئالىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلاش، كۈشكۈرتۈش، ئازدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ ›› ، دەپ كۆرسىتىلدى. نىزامنىڭ 49 – ماددىسىدا قانۇنىي جاۋابكارلىققا نىسبەتەن ‹‹ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 9 –، 10 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەسىيىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلالمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭقانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى نەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توسىدۇ. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ ›› دەپ، 50 – ماددىسىدا ‹‹ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، يەسلى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 3 – بابىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ ›› دەپ، 51 – ماددىسىدا ‹‹ مۇشۇ نىزامنىڭ 27 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ پايدا ئالىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان، كۈشكۈرتكەن، ئازدۇرغان ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسكە مەسئۇل تارماق تەنقىد – تەربىيە بېرىدۇ، تۈزۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلاردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ›› دەپ، 55 – ماددىسىدا ‹‹ مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا مال – مۈلۈك جەھەتتە ياكى باشقا جەھەتتە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ›› ، دەپ كۆرسىتىلدى. قايراق ئوتتۇرا مەكتەپ 2009- يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى
本文档为【شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى】,请使用软件OFFICE或WPS软件打开。作品中的文字与图均可以修改和编辑, 图片更改请在作品中右键图片并更换,文字修改请直接点击文字进行修改,也可以新增和删除文档中的内容。
该文档来自用户分享,如有侵权行为请发邮件ishare@vip.sina.com联系网站客服,我们会及时删除。
[版权声明] 本站所有资料为用户分享产生,若发现您的权利被侵害,请联系客服邮件isharekefu@iask.cn,我们尽快处理。
本作品所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用。
网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽..)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。
下载需要: 免费 已有0 人下载
最新资料
资料动态
专题动态
is_476695
暂无简介~
格式:doc
大小:1MB
软件:Word
页数:7
分类:
上传时间:2018-09-06
浏览量:99